كۆي ئاي جەمئىيىتى: يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە تەييارمىز
3-ئاپرېل كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ قۇرغان «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى»گە ھەمكارلىشىپ، ھەر ۋاقىت خىزمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ سەفاكۆي رايونىدا قۇرۇلغان. جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بېرى قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر ئايدا ئۈزۈلدۈرمەي 15 توننا يېمەكلىك تارقاتتى. ئۆي ئىجارىسى تۆلەشتە قىينالغان قېرىنداشلىرىمىزغا 40 مىڭ لىرا نەق پۇل ياردەم تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ قېتىم خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى ھەر تەرەپتىن قامداش مەقسىتىدە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. بىز ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياردەم مەركىزىنى قوللاپ، يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييار».