شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قاتتىق تىزگىنلەنمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قاتتىق تىزگىنلەنمەكتە
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سەككىز كىشىنى چاقىرتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولغان خىتاي يېقىندىن بېرى خەلقئاراغا ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئالاھىدە كونترول قىلغان. خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخسنىڭ تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ۋىرۇس ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىشىنى چەكلىگەن، ھەتتا چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.
خەۋەردە يېقىندا قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ «گۇمانلىق بىمار ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار بايقالدى، قاراماي شەھىرىنى يېقىندا تاقايدۇ» دەپ ئۇچۇر تارقاتقان سەككىز كىشىنى چاقىرتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، بىراق ئاگاھلاندۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە خەلق ئاممىسىغا تەھدىت سېلىپ، «ئىغۋا توقۇغان، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ تور مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان»لارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزغانلار قاتارىدا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە دائىرىلەرنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن باشقا مىكرو بىلوگ، مۇنبەر، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە سۇپىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىشەنمەسلىككە، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىققا بۇيرۇغان.

بۇ خەۋەر 2075 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2020 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق