شەرقىي تۈركىستانغا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي كۆچۈرۈلدى


شەرقىي تۈركىستانغا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي كۆچۈرۈلدى
خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا 2- ئاپرېل تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش [ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش] نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ھەقسىز پويىز بېلى بىلەن 1200 خىتاينى يولغا سالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكسىدىن زور تۈركۈمدىكى خىتاينى مەخسۇس پويىز بىلەن يولغا سالغان. يولغا سېلىنغان خىتايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ھەقسىز پويىز بېلىتى بىلەن بىردىن شەپكە تارقىتىپ بەرگەن. مەزكۇر پويىز 22 سائەتتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىتايلارنى يولغا سېلىش ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،پائالىيەتكە خىتايلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەرلىك دائىرلەر ئىشتىراك قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە تور ئارقىلىق باشقا خىتايلارغىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە چاقىرىق قىلىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە شەرقىي تۈركسىتانغا كۆچۈپ بارسا ھەقسىز ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، قۇل ئورنىدا ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نامرات، ئىشسىز، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن خىتايلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، شەرقىي تۈركسىتاننى خىتايلاشتۇرشتىىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن كۈچىمەكتە.

بۇ خەۋەر 2563 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2020 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق