شەرقىي تۈركىستاندا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى
زىمىستان تورىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىشى سەۋەبلىك تېرىلغۇ يەرلەر تاشلىنىپ قالغان.
خەۋەردە نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقى، كىچىك بالىلارنىڭ ياشىنىپ قالغانلارنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالغانلىقى، نەتىجىدە ئېغىر ئىجتىمائىي پاجىئەلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرىنى، شۇنداقلا جازا لاگېرى ۋە تۈرمە سىرتىدا قالغان ياش ئوغۇل-قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا يۆتكەپ كېتىش سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېغىر ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى، ياشىنىپ قالغان ئەر-ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.