1-ئاپرېل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرىنىڭ ئورگان تور بېتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2019-يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئومۇمىي ئىستاتىستىكا دوكلاتى ئېلان قىلىنغان.
دوكلاتتا 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى دائىمىي نوپۇسنىڭ 25 مىليون 232 مىڭغا يەتكەنلىكى، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 365 مىڭ نوپۇس كۆپەيگەنلىكى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %8.14، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %4.45 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2019-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا %6.2 ئاشقانلىقى، يېزا-ئىگىلىك، سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە توختىماي يۈكسىلىش بولغانلىقى، نامرات رايونلارنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ زور دەرىجىدە ئازايغانلىقىغا ئوخشاش كونا پەدىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كۆرسىتىلگەن.
گەرچە 2019-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتى ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن، بۇ سەۋەبلىك بارلىق ساھەلەر ئومۇميۈزلۈك پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر يىل بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا يالغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.