قىبرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەقفىگە ئەزا 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېۋىپ يۇقۇم ئېغىرلىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر جەمئىيەت ۋە ۋەقفىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ۋۇخەندىن تارقالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن تۈركىيەگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئېغىر مەزگىلدە ئۇيغۇر تېۋىپلارنىڭ تۈركىيەگە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ھازىرمۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئەينى ۋاقىتتا سارس تارقالغان مەزگىلدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كېسەلگە قارشى ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈنىگە نەچچە ئون مىڭ قاپ دورىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى زاۋۇتىنى كېڭەيتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىروفېسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تېۋىپلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ياساش ۋە كېسەللەرنى داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان تۈركىيەگە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.