ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى قۇرۇلدى

ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى قۇرۇلدى

31-مارت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خەلقئارادىكى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ چىققان «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى»نى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ مەركەزنى قوللاشقا چاقىرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا، شۇنداقلا تۈركىيەگە تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى سەۋەبلىك تۈركىيەدە ياشاۋاتقان خەلقىمىز ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، سىرتقا چىقماي، ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق خەلقىمىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ، كۈنلۈك تۇرمۇشنى كۈنلۈك قامداپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۆي ئىجارىسى، ئائىلىنىڭ ھەرخىل چىقىملىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشتى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەندىشە ئىچىدە قالدى. ئەگەر تۈركىيەدىكى سىرتقا چىقماسلىق تەشەببۇسى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ قالسا، خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبلىك خەلقئارادىكى 34 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تېلېفون يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق. يىغىندا نۆۋەتتىكى خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىدىن خەلقىمىزنى قانداق قىلىپ تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار مۇھاكىمىلەر نەتىجىسىدە «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى»نى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ تەشكىلاتنى خەلقئارادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قوللاۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى ھەمدە خەلقئارادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى مەركەزنى قوللاشقا، ئىسلام دۇنياسىدىكى دوستلىرى ۋە تونۇشلىرىغا يەتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىمىز. شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلقىمىزنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چىقارغان قارارلىرىغا ئەمەل قىلىشقا، قىيىنچىلىق مەزگىلىدە ئارىغا پىتنە-پاسات ئۇرۇقىنى چاچىدىغان كىشىلەرگە پۇرسەت بەرمەي، ئۈمىدۋار بولۇپ، ياخشى تەدبىر قوللىنىش بىلەن بىرگە، ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا چاقىرىق قىلىمەن».

«ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى»نىڭ مۇراجىئەتنامىسى تۆۋەندىكىچە:

«خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە كېلەيلى!

دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار! خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز خەلقىنى ۋىرۇستىن قوغداش ۋە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن ئالاھىدە خىراجەت ئاجرىتىپ، خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولماقتا. بۇ ۋىرۇس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان تۈركىيەدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ھەممىمىزنى قاتتىق قايغۇغا سالماقتا. چۈنكى قولىدا پاسپورتى يوق، تۇرۇش رۇخسىتى يوق، ئۆي ئىجارىسىنى، توك ۋە سۇ پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن، داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، نورمال تۇرمۇشىنى قامداشتىنمۇ مەھرۇم قېلىپ، ئۆيلىرىگە قاپسىلىپ قالغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئامالسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقىماقتا ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى بىرقەدەر ياخشى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن ياردەم كۈتمەكتە.

دۆلىتىمىز خىتاي ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا، ئالاھىدە خىراجەت ئاجرىتىپ، خەلقىمىزگە ياردەم قىلىدىغان ھۆكۈمىتىمىز بولمىسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مەركىزىي تەشكىلات، جەمئىيەت، ۋەقفىلىرىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ۋەقفىلەرنىڭ بىردەك قوللىشى، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددىي تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا جىددىي ياردەم بېرىش ھەققىدە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قوزغاش ۋە بۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇشنى قارار قىلدى.

بۇ سەپەرۋەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، مەركىزىمىز ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىمىزگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرك-ئىسلام تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم قۇرۇلۇشلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياردەملىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشۇپ، تۇل ئانىلار، يېتىم-يېسىرلار، تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئىلتىماس قىلىمىز! دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئىرادىسى بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان، «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى» ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئىقتىسادىي ياردەمنى ئادىل يوسۇندا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ۋاقتىدا، بىر تۇتاش يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

بىز خەلقىمىزگە شۇنى ۋەدە قىلىمىزكى، توپلانغان بۇ ياردەملەرنى ھېچقانداق يۇرت، رايون، كەسىپ، جىنس، پىكىر-چۈشەنچە، دوست، ئۇرۇق-تۇغقان دېگەندەك ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە قارىماستىن، پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق كىملىكىنى ئاساس قىلىپ، ھەقىقىي موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزىمىز. ياردەم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەربىر دۆلەتتىن بىر تەشكىلات مەسئۇلىنى ياردەم توپلاشقا ۋەكىل قىلدۇق. ياردەم قىلماقچى بولغانلار شۇ كىشى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسى ياردەم مەركىزى

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى»

ياردەم قوبۇل قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ ئالاقە نومۇرى:

خىتاي ۋىرۇسى كىرىسى ياردەم مەركىزى باش مەسئۇلى: تۈرغۇنجان ئالاۋۇدۇن «گېرمانىيە»، ئالاقە نۇمۇرى: +49 176 10382764

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد «تۈركىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 0090 532 3937637

ئالىمجان بۇغدا «تۈركىيە» ئالاقە نۇمۇرى:0090 533 7347338

 نېمىتۇللا قارىم «تۈركىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 0090 5355996393

ھەبىبۇللا كۈسەنى «تۈركىيە»ئالاقە نۇمۇرى: 0090 536 9946338

نىزامىدىن قارىم  «تۈركىيە» ئالاقە   نۇمۇرى: 0090 539 856666  

مۇھەممەد  ئېلى  « تۈركىيە»  ئالاقە نۇمۇرى: 0090 535 2345806

مۇھىددىن جان ئۇيغۇر «تۈركىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 0090 555 2962689

مۇنەۋۋەر خانىم «تۈركىيە» ئالاقە نۇمۇرى 0090 537 5797863

ئابدۇساﻻم قارىھاجىم «ئاۋىسترالىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 0061 413 550840

ئۆمەر قانات« ئامېرىكا» ئالاقە نۇمۇرى: 001 202 7901795

مۇرات ئاتامان «ئامېرىكا» ئالاقە نۇمۇرى: 0017039010550

تۇيغۇن ئابدۇۋېلى « كانادا»ئالاقە نۇمۇرى:0014168785860

ئىلھام مۇھمۇت «ياپونىيه» ئالاقە نۇمۇرى: 0018032483463

كېرەم زاھىر «ئەنگلىيه» ئالاقە نۇمۇرى:00447459491292

مەۋﻻن  دىلﺸات «ئاۋىسترىيه» ئالاقە نۇمۇرى: 00436811528528

   بەختىيار ئۆمەر «نورۋېگىيه» ئالاقە نۇمۇرى:00479985702

ئوبۇلقاسىم ھاجىم «ﻓىنﻼندىيه» ئالاقە نۇمۇرى: 00358407150072

ئەكبەر يۈسۈف « ﻓرانسىيه »ئالاقە نۇمۇرى:0033753822552

ئەخمەتﺠان  «شىۋېتسىيه» ئالاقە نۇمۇرى: 0046735710908

ئابدۇلۋاھاپ قارىﻢ « گوللاندىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 0037643409972

ئىباراھىم ئىسمايىل « بىلگىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 0032483463583

ئاندېلى مۇھەممەتكېرىﻢ « شىۋېتسارىيە» ئالاقە نۇمۇرى:0041787954707

ئابدۇجېلىك ئەمەت «گېرمانىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 00491761755729

ئىليار سىدىق «گېرمانىيە» ئالاقە نۇمۇرى:00491738819189

مۇھەممەت ئەمىن « گېرمانىيە» ئالاقە نۇمۇرى: 00905550044948

ئەركىن ئەخمەت «قازاقىستان» ئالاقە نۇمۇرى:0077016770151

رۇزىمەمەت ئابدۇباقى «قىرغىزىستان» ئالاقە نۇمۇرى: 00996552577785

بۇ خەۋەر 1795 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2020 21:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق