مۇراجىئەتنامە

مۇراجىئەتنامە

خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە كېلەيلى!

دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار! خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز خەلقىنى ۋىرۇستىن قوغداش ۋە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن ئالاھىدە خىراجەت ئاجرىتىپ، خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولماقتا. بۇ ۋىرۇس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان تۈركىيەدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ھەممىمىزنى قاتتىق قايغۇغا سالماقتا. چۈنكى قولىدا پاسپورتى يوق، تۇرۇش رۇخسىتى يوق، ئۆي ئىجارىسىنى، توك ۋە سۇ پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن، داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، نورمال تۇرمۇشىنى قامداشتىنمۇ مەھرۇم قېلىپ، ئۆيلىرىگە قاپسىلىپ قالغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئامالسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقىماقتا ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى بىرقەدەر ياخشى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن ياردەم كۈتمەكتە.

دۆلىتىمىز خىتاي ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا، ئالاھىدە خىراجەت ئاجرىتىپ، خەلقىمىزگە ياردەم قىلىدىغان ھۆكۈمىتىمىز بولمىسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مەركىزىي تەشكىلات، جەمئىيەت، ۋەقفىلىرىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ۋەقفىلەرنىڭ بىردەك قوللىشى، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددىي تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا جىددىي ياردەم بېرىش ھەققىدە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قوزغاش ۋە بۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇشنى قارار قىلدى.

بۇ سەپەرۋەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، مەركىزىمىز ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىمىزگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرك-ئىسلام تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم قۇرۇلۇشلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياردەملىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشۇپ، تۇل ئانىلار، يېتىم-يېسىرلار، تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئىلتىماس قىلىمىز! دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئىرادىسى بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان، «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى» ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئىقتىسادىي ياردەمنى ئادىل يوسۇندا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ۋاقتىدا، بىر تۇتاش يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

بىز خەلقىمىزگە شۇنى ۋەدە قىلىمىزكى، توپلانغان بۇ ياردەملەرنى ھېچقانداق يۇرت، رايون، كەسىپ، جىنس، پىكىر-چۈشەنچە، دوست، ئۇرۇق-تۇغقان دېگەندەك ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە قارىماستىن، پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق كىملىكىنى ئاساس قىلىپ، ھەقىقىي موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزىمىز. ياردەم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەربىر دۆلەتتىن بىر تەشكىلات مەسئۇلىنى ياردەم توپلاشقا ۋەكىل قىلدۇق. ياردەم قىلماقچى بولغانلار شۇ كىشى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسى ياردەم مەركىزى

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

بۇ خەۋەر 2657 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2020 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق