كۆك ئاي جەمئىيىتى مۇھىم پەيتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

كۆك ئاي جەمئىيىتى مۇھىم پەيتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا
ئۆز خەۋىرىمىز: كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە خەلقىمىز ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە كۆك ئاي جەمئىيىتى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆيىدىن چىقالماي، ئىشلەپ ئائىلىسىنى قامداش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ياكى ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلدى.
بۇ ھەپتە كۆك ئاي جەمئىيىتى خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، 40000 لىرا نەق پۇلىنى ئۆي ئىجارىسى تۆلەشتە قاتتىق قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا تارقىتىپ بەردى. يېمەكلىككە ئېھتىياجى بارلارغا بولسا ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، تۇخۇم قاتارلىق ئون توننىغا يېقىن يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.
جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدە قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سەۋەبلىك يولدىشى ۋەتەندە قېلىپ، ئائىلىسى پارچىلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئايلىق ئىشلەپ ئائىلىسىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىشقا بارالمىغانلىقىنى، نەتىجىدە ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە نۆۋەتتىكى ياردەملەرنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك بارلىق خەلقىمىزنىڭ كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى، بايلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قوللىشىنى، ھەممە ئادەم ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلىدىمۇ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى دۇئالىرىدا ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ياردەمگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 05355996393

بۇ خەۋەر 2675 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2020 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق