ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» 15-مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ خۇبېيدىكى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئىچىدىن زۇكام جەۋھىرى، دەم سىقىلىشنى داۋالايدىغان زۇپا جەۋھىرى قاتارلىق دورىلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا بولغان تونۇشى يېڭىلىنىپ، مەزكۇر دورىلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر دورىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىلگەنلىكى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ۋۇخەنگە كۆپ مىقداردا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» يۈرەك تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋۇ لوڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، زۇكام جەۋھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى ئۈنۈمى بولغانلىقى، ۋۇخەن شېخې دوختۇرخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، زۇكام جەۋھىرىدىن ۋۇخەنگە قايتا-قايتا ئەۋەتىلگەنلىكى، بۇ دورىنىڭ ئادەتتىكى زۇكامدىن كېلىپ چىققان قىزىتمىغا دىياگنوز قويۇشتىكى زور بېسىمنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكەنلىكى، سوغۇقتىن كېلىپ چىققان قىزىتما، يۆتەل ۋە بەدەن ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ماس كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى» بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، زۇكام جەۋھىرى بىلەن زۇپا جەۋھىرىنى كۈنىگە يۈز مىڭ قاپتىن ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان.

بۇ خەۋەر 3733 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2020 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق