شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش پىلانى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنماقتا

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا يۇقىرى تەمىنات بىلەن خىتايلارنى يۆتكەش پىلانى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 23-مارت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارال شەھىرىگە يۈننەن ئۆلكىسىدىن زور تۈركۈمدىكى خىتايلار مەخسۇس ئالتە ئايروپىلان بىلەن يۆتكەپ كېلىنگەن. 24-مارت يەنە بىر تۈركۈم خىتايلار مەخسۇس توققۇز ئايروپىلان بىلەن يۆتكەپ كېلىنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىگە ھەقسىز بېرىلگەن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان. مەزكۇر سىنلارنى تارقاتقۇچىلار يەنە تور ئارقىلىق باشقا خىتايلارغىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ، ھەقسىز ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە خىزمەت تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، قۇل ئورنىدا ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نامرات، ئىشسىز، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن خىتايلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1604 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2020 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق