ئىزمىردە شەرقىي تۈركىستان...

ئ
23-فېۋرال ئىزمىر شەھىرىدىكى ئىنسان ۋە مەدەنيەت ھەرىكىتى يىغىن زالىدا  « 100 يىلنىڭ شەھىدى شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 
پائالىيەتنى ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئىزمىز شۆبىسى  تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان  ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949- يىلى شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن  داۋملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئاخىردا، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى رەئىسى Uğur Bayrak   ئەپەندى باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندىگە ھەدىيە تەقدىم قىلىدى.

بۇ خەۋەر 24870 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2019 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق