شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار قولغا ئېلىندى

شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار قولغا ئېلىندى
خىتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ئىدارىسى»نىڭ باشلىقى ئەكبەر غوپۇرنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىش قارارىنى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئەكبەر غوپۇرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىكەنلىكى، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەنلىكى، 1975-يىلى 8-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرگەنلىكى، 2017-يىلى 1-ئايدا پېنسىيەگە چىققانلىقى، ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتى»نىڭ قارارىغا ئاساسەن «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن كاتىپى ئەكبەر غوپۇرنىڭ ئېغىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1706 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2020 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق