ئامېرىكا-تەيۋەن ھەمكارلىقىدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم بېسىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ تۈنۈگۈن ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ بولغان «تەيۋەن ئىتتىپاقداشلىرى خەلقئارا قوغداش ۋە كۈچەيتىش تەشەببۇسى قانۇنى»غا رەسمىي ئىمزا قويغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكا پارلامېنتىغا تەيۋەن بىلەن ھىندى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە قايسى تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ھەققىدە دوكلات يوللايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتا دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.
قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن ئامېرىكا يەنە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن سىرت مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا تەيۋەننىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش ياكى كۆزەتكۈچى دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
بۇ 2018-يىلى ئىمزالانغان «تەيۋەن ساياھەت قانۇنى»دىن كېيىن ئامېرىكا قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن تەيۋەنگە ئالاقىدار يەنە بىر قانۇن لايىھەسى بولۇپ، «تەيۋەن كاپالەت قانۇنى» ناملىق يەنە بىر قانۇن لايىھەسىمۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان.

بۇ خەۋەر 12968 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2020 12:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق