لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ماسكا تىكىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلاندى

لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ماسكا تىكىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى 27-مارت مەركىزىمىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنى ماسكا تىكىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئالدىنقى يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەقسىز ئىشقا سېلىشقا باشلىغان. ئۇلار ھەپتىدە بىر قېتىملا ئائىلىسىگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنغان. بۇ يىل خىتاي ۋىرۇسى دۇنيا مىقياسىدا تېزلىكتە تارقىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماسكىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار بىر يىللىق «ماسكا تىكىش توختامنامىسى»گە قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماسكا تىكىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى ئالدى بىلەن ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان بولۇپ، كېيىنچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ يېڭىدىن ماسكا تىكىش زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇپ، خەلق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان.

بۇ خەۋەر 1505 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2020 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق