بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر گۇۋاھچىنىڭ ۋەتەندىن ئېرىشكەن ۋە بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا توپ ۋە پارچە ھالدا سېتىپ پايدىلىنىشقا باشلىغان.
ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر بىر يېزىدا بىر ياكى بىر قانچە جازا لاگېرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر جازا لاگېرىنىڭ يېنىدىن خىتايلارغا مەخسۇس يەر سېتىپ بېرىلگەن، خىتايلار بۇ يەرگە زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرغان. لاگېردىكىلەرنىڭ «تەربىيەلىنىش» مۇددىتى توشقان بولسۇن ياكى توشمىغان بولسۇن، ھېچقايسىسىنى قويۇپ بەرمەي، مەجبۇرىي ھالدا شۇ زاۋۇتلارنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا توپ ياكى پارچە سېتىپ پايدىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ-سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتايلارغا ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئايلىقى تۆۋەن بولغاندا 600 يۈەندىن 700 يۈەنگىچە، يۇقىرىسى مىڭ يۈەنگىچە ھېسابلاپ سېتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانا ئىگىلىرى بولغان خىتايلارغا 3000 يۈەنگىچە سېتىپ، قالغىنىنى چۆنتىكىگە سالىدىكەن.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يەنە تۆت-بەش ئاي بۇرۇن ۋاقتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ھالدا بىر يىللىق توختامغا قول قويغۇزغان. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تىجارەتچى، باي، ئەمەلدار خىتايلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھېچقانداق ئىگە-چاقىسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ئېلىپ-ساتىدىغان بىر بازار سىستېمىسى بەرپا قىلغان.
يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىپ، ئومۇميۈزلۈك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ، خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئۇيغۇرلارغا پەقەت ماسكا تارقىتىپ بېرىپلا، بۇرۇنقىدەك مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا يارايدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئاياللىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، قۇل ئورنىدا ئېلىپ-سېتىشنى كەسىپ قىلغان بولسا، ياش قىز-يىگىتلەرنى يىغىپ، مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللاپ، خىتاينىڭ شىركەت ۋە كارخانىلىرىغا بۆلۈپ، مەجبۇرى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرغان. بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ-سېتىشنى كەسىپكە ئايلاندۇرغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى توپ ۋە پارچە سېتىش ھەققىدىكى ئېلانلىرى بىر نەچچە ئاي بۇرۇنلا تورلاردا تارقالغان.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە قاماش، ھەر خىل ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىپ ئۆلتۈرۈش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قولغا ئېلىپ چىرىتىپ يوقىتىۋېتىش، ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا قاماش، خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتايغا ئەۋەتىش... قاتارلىق ۋەھشىي سىياسەتلەرنى قوللانغان بولسا، ئېشىپ قالغان خەلقنى مەجبۇرىي ھالدا بىر ۋىلايەتتىن يەنە بىر ۋىلايەتكە كۆچۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن ھاياتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمىغان خىتاي دائىرىلىرى ئۆيلىرىدە ئىگە-چاقىسىز قالغان قېرى، ئاجىز كىشىلەرنى چۆللەرگە ئاپىرىپ، بىر قىسىم خەلقنى بوز يەر ئېچىش، ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش، شېغىل تاسقاش... قاتارلىق ئەمگەكلەرگە سالغان. كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ يەنە يېرىم كېچىگىچە يىغىن ئېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋە شى جىنپىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە، يادقا ئېلىشقا مەجبۇرلىغان.
نۆۋەتتە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدىكى باستۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا.