ماۋىي ئاي ياردەم جەمئىيىتى يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ خىزمىتىنى توختاتمىدى

تۈركىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلىشىۋاتقان، نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەر توسالغۇغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ماۋىي ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قىيىنچىلىق بار ئائىلىلەرنى تۈرلۈك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىدى.

جەمئىيەت مەسئۇللىرى بۇ ئاي ئىچىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بىر نەچچە قېتىم ئۇن، ماي، گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە ياردەم بۇيۇملىرىنى ياشىنىپ قالغانلارنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى.

جەمئىيەت مەسئۇللىرى يەنە يۇقۇم مەزگىلىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ مەزكۇر جەمئىيەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېگىشلىك ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2207 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2020 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق