زىمىستان تورى: جازا لاگېرلىرىنىڭ يېڭى سۈرەتلىرىگە ئېرىشتۇق

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى يەكەن ناھىيەسىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ بىر يىل بۇرۇن تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى تەمىنلىگەن.

جازا لاگېرلىرى قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان بولغاچقا، سۈرەتلەر پەقەت يىراقتىن تارتىلغان. سۈرەتلەردە جازا لاگېرلىرىنىڭ تۆمۈر دەرۋازىلار بىلەن قورشالغانلىقى، قورللىق قوغدىغۇچىلارنىڭ نازارەت قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر بىر يېزىدا جازا لاگېرى بارلىقى، ھەر بىرىگە نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ قامالغانلىقى، جازا لاگېرىدا ۋەزىپە بېرىلگەن خادىملارنىڭمۇ مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئىدىيەسىنى قانداق ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرلىرىنى ئىزچىل ھالدا «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىرىنى پاش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1478 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2020 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق