شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇش باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇش باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلانغان.
خەۋەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قاتار تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى نازارەت قىلىش، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى كۈچەيتىش شەرتى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلەردە ئوقۇش باشلانغانلىقى، تۆت مىليون 370 مىڭغا يېقىن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە قايتىپ، دەرسلىرىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلغان. دەرسخانا، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن دائىرىلەر بارلىق مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي يېپىق باشقۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان. مۇناسىۋەتسىز خادىملارنىڭ مەكتەپ رايونىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلغان.

بۇ خەۋەر 1915 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2020 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق