قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستان-قازاقىستان چېگراسىدىكى قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى، دۇكانلىرىنى ئاچقان سودىگەرلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، تىجارەت ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەمكارلىق مەركىزى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تاموژنىدا ئارىلىق ساقلاپ ئۆچىرەتتە تۇرۇشقا ئوخشاش بىر قىسىم تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش جەريانى قاتتىق ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1847 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2020 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق