شەرقىي تۈركىستاندىن ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم تېببىي خادىملار قايتىپ كەلدى

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن ۋۇخەن شەھىرىگە مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەن تېببىي خادىملاردىن تۇنجى تۈركۈمدە 102سى قايتىپ كەلگەن.

خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە ۋابا مەنبەسى بولغان ۋۇخەن شەھىرىدە تېببى خادىملار يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۆز دوختۇر-سېستىرالىرى جېنىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان بىر مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن بىر نەچچە تۈركۈم تېببىي خادىملارنى ۋۇخەن شەھىرىگە ئەۋەتكەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلىكى، كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خەۋەردە قايتىپ كەلگەن تېببىي خادىملارنىڭ بىر ئايدىن ئارتۇق ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا يۇقۇملىنىش، ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1601 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2020 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق