خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر نەچچە ناھىيەگە ئايرودروم سېلىشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر نەچچە ناھىيەگە ئايرودروم سېلىشنى پىلانلىدى
ئاتالمىش «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كېرىيە، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق بىر نەچچە ناھىيەگە ئايرودروم سېلىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئايرودروم قۇرۇش ھەققىدىكى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتالمىش شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى، مەزكۇر گۇرۇھ پىلانغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايىنبۇلاق، گۇچۇڭ، تاشقورغان، باركۆل، موڭغۇلكۈرە، كېرىيە قاتارلىق ناھىيەلەرگە يېڭىدىن ئايرودروم سالىدىغانلىقى، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۈچ مىليارد 190 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي تاجاۋۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئاقسۇ، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئايرودروملارنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقى، ئايرودروملارنىڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 8-ئايدا باشلىنىدىغانلىقى، غۇلجا ئايرودورومىنىڭ كېڭەيتىلىپ، خەلقئارالىق تاموژنا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ 4-ئايدا باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى ئېچىۋېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم بېكەت ھەم مەركىزى رايون قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرىگە يېقىن بىر ئورۇنغا خەلقئارا سودا بازىرى سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 2099 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق