كۆچمەنلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى مۇدىرى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

كۆچمەنلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى مۇدىرى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
17-مارت ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ مۇپتىلىقى كۆچمەنلەرنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تەلەت قاراكوچ ۋە مەسلىھەتچىسى رەمزى بۇلۇت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. مېھمانلارنى جەمئىيەت رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان زەيتىنبۇرنىدا ئولتۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش تېمىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1973 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2020 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق