شەرقىي تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
17- مارت شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدە تارقىلىشقا باشلىغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتنىڭ مەزمۇنى:
يېقىندىن بېرى خىتايدا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تىز سۈرئەتتە يامراپ كېتىشى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ، مۇسۇلمانلار جۈمە ۋە جامائەت نامازلىرىنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا توپلانماسلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
جۈملىدىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ، خەلقىمىزگە شەرىئەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىنى بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردى.
ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ جېنىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئاساسلىق ئورۇندا قويىدۇ ۋە ئىنسانغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىش ھەرىكەتتىن چەكلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى- يەنى بىر بىرىڭلارنى- ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر». «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ». ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئىنساننى ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھالاكەتكە دۇچار قىلىدىغان ئىش ھەرىكەتلەردىن توسىدۇ، ئەكسىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۇقۇملۇق كېسەللەردىن قېچىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن : «سەن جۇزام (ماخاۋ) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمدىن يولۋاستىن قاچقاندەك قاچقىن». سەھىھ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغىلى كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ ئىچىدە، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىز ئۇنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدۇق، قايتىپ كەتسۇن» دەپ مەدىنىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغان. يەنە ئىسلامدىكى مۇھىم بىر قائىدىدە «ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە زىيان يەتكۈزۈش يوق».
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن يۇقۇملۇق كېسەللەرگە دۇچار بولغان كىشىلەردىن قېچىشنىڭ لازىملىقى ۋە يۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كېسەل تۆگىنى ساغلام تۆگىگە ئارىلاشتۇرۇشتىن توسقان». بۇ ھەدىستىن، ساق كىشىلەر بىلەن كېسەللەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىنى چەكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. (مۇسلىم رىۋايىتى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «مۇئەززىننى سوغۇق ۋە سەپەردىكى يامغۇرلۇق كېچىلەردە نامازنى ئۆز ئورنۇڭلاردا ئوقۇڭلار! دەپ نىدا قىلىشقا بۇيرۇغان». (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇئەززىنگە يامغۇرلۇق كۈندە: (أشهد أن محمدا رسول الله) دېگەندىن كېيىن (حي على الصلاة) نىڭ ئورنىغا «نامازنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇڭلار! دېگىن » دەپ بۇيرۇغان.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بۇ سۆزى كىشىلەرگە يات تۇيۇلۇپ، ھەيران قېلىشقاندا، بۇنىڭغا ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟ بۇ ئىشنى مەندىنمۇ ئەۋزەل بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قىلغان. ھەقىقەتەن جۈمە نامىزى ۋاجىپتۇر. لېكىن ، مەن سىلەرنىڭ لاي- پاتقاقلاردا جۈمەگە چىقىشىڭلارنى خالىمىدىم، دېگەن . (بۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆز قارىشىدۇر).
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، مۇسۇلمانلار يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، بەش ۋاقىت نامازنى ۋە جۈمە نامىزىنىڭ ئورنىدا پېشىن نامازنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
جۈملىدىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى يول -يۇرۇقلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بارلىق خەلقىمىزنى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك بالائي ئاپەتتىن ۋە بۇ خەتەرلىك ۋىروستىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئامىن.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمى
2020-يلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئىستانبۇل-تۈركىيە