خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى

يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان.

يىغىندا خىتاي ئەمەلدارلىرى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدىكى دوكلاتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، غەرەزلىك تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان ئەمەلدارلار ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملىتىپ بارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە تىل-يېزىق جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، مائاشىنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

يىغىندا خىتاي ئەمەلدارلار يەنە سۆز ئوينىتىپ، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا خىتايغا قارا چاپلاۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شۇ مۇخبىرلارنىڭ غەرب ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان»لىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1524 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2020 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق