ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلدى

ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلدى
14-مارت ئەنقەرە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىننى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىن كەلگەن تەشىكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىك، تەتىقىقاتچىلار ئىشتراك قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانداق ئۇسۇل ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ھەققىدە يېكىچە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئۆز – ئارا مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى داۋام قىلىۋاتقان تەشىكىلاتلارنىڭ كەلگۇسى تەرققىياتى، كەلگۈسى ھەرىكەت پىلانى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 2718 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق