يەنە 1800 ئۇيغۇر ياش سۈرگۈن قىلىندى

يەنە 1800 ئۇيغۇر ياش سۈرگۈن قىلىندى

15-مارت ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن يەنە 1800 ئۇيغۇر ياشنى ئۈرۈمچىگە سۈرگۈن قىلغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى تېزلەتكەن. خىتاي يەنە ئوخشاش باھانە بىلەن خەلقنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى باشقا رايونلارغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
خەۋەردە، 14-مارت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئوخشاش باھانە بىلەن يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن 1800 ياشنى T6728 نومۇرلۇق مەخسۇس پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە سۈرگۈن قىلىنغانلىقى، مەزكۇر ياشلارنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق شەھەرلەردىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 2273 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق