شەرقىي تۈركىستاندا قاتناشنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى


 شەرقىي تۈركىستاندا قاتناشنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
14-مارت ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى» بەرگەن خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول، تاشيول ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، قاتناش تىرانسىپورت شىركەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىغانلىقى، ھەرقايسى رايونلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى تاشيول يولۇچىلار قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ۋىلايەت-شەھەرلەر ئارا 43 يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ، ناھىيەلەر ئارا ۋە ناھىيە ئىچىلىرىدە بولسا 765 لىنىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرلىك قاتناش تارماقلىرى ۋە يولۇچىلار تىرانسىپورت شىركەتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 11-مارتتىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولى قاتنىشى ئەسلىگە كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12 يولۇچىلار پويىزى شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا رايونلارغا قاراپ يولغا چىققان. قاراماي، بۆرتالا ۋە كورلا قاتارلىق رايونلاردا قاتناش ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئالتاي، تارباغاتاي، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان دائىملىق تېز پويىزلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن چوڭ تىپتىكى ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1839 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 13:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق