500 ئۇيغۇر ياش كورلىغا سۈرگۈن قىلىندى

500 ئۇيغۇر ياش كورلىغا سۈرگۈن قىلىندى
13- مارت ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 500 ئۇيغۇر ياش شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن كورلىغا سۈرگۈن قىلىنغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى تېزلەتكەن. خىتاي يەنە ئوخشاش باھانە بىلەن خەلقنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى باشقا رايونلارغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان.
بۇ قېتىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن 500 قىز-ئوغۇل ياشنى كورلىغا سۈرگۈن قىلغان. سۈرگۈن قىلىنغان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى يەكەن ناھىيەسى سايباغ يېزىسى 2-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
سۈرگۈن قىلىنغان ياشلارنىڭ بىردەك لاگېر فورمىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يۈرۈش كىيىملەرنى كىيدۈرۈلۈپ سۈرگۈن قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بۇ خەۋەر 2205 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2020 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق