بەيازىتتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى


23-فېۋرال ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش چوڭ يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىلىشنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بىر قسىم تۈرك خەلقىدىن بولۇپ 3000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسىس قىلغانلىقىنى ۋە ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇلارنى ئىسلامىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا خىتايدىن خۇددى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ سىنلىق كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەندەك، مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم، ئۇستاز كەرىم ئابدۇۋەلى، ئابدۇلئەھەد مەخدۇم قاتارلىق ئۇستازلىرىمىزنىڭ سىنلىق كۆرۈنۈشىنىمۇ كۆرسىتىشنى، لاگېرلاردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. 
يىغىلىشقا يەنە سىياسىي تەشكىلات رەئىسلىرىدىن ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى مۇرات ئارسلان ئەپەندى، تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ، 23-نۆۋەتلىك مىللەت ۋەكىلى، سابىق يۈز يىل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى مۇدىرى جالال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىغا لەنەت ئوقۇدى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، خەلقنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ لاگېرلارنى دەرھال تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 
قوللىرىدا «مەنمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق»، «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «لاگېرلار تاقالسۇن» دېگەن پىلاكاتلار ۋە لاگېرغا قامالغان تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن خەلق «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقالسۇن»، «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان» دېگەن جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلىدى.

بۇ خەۋەر 25575 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2019 19:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق