ئۈرۈمچى خەلقئارا بازار تولۇق ئېچىۋېتىلدى

ئۈرۈمچى خەلقئارا بازار تولۇق ئېچىۋېتىلدى

10-مارت ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان خەلقئارا چوڭ بازاردىكى 1759 دۇكاننى تولۇق ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ شەنجياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 10-مارت چۈشتىن كېيىن چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىدىغانلىقىنى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي يېمەكلىك رايونىدىكى ھەر خىل ماتېرىيال، قاشتېشى ۋە باشقا دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى، ئالتە ئورۇندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى ئارقىلىق بازارغا كىرگەن پۇقرالار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ چوقۇم ماسكا تاقاپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، ئارىلىق ساقلاپ، بىر قېتىم تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن ئاندىن كىرىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ماسكا بۇزۇلغان ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان بولسا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئاشخانىلارنىڭ ئۇلارغا تاماق بېرىشنى ۋاقتىنچە رەت قىلىدىغانلىقىنى، خېرىدارلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى زاكاز قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 3006 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2020 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق