بالىلار لاگېرىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

9-مارت زىمىستان تورى بەرگەن خەۋىرىدە ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەر يىغىۋېلىنغان پەرزەنتلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»گە، يەنى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ تامىقى ناچار ۋە ئاز بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك روھىي زەربىگە ئۇچراپ، قاتتىق چۈشكۈنلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، توققۇز ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپكە تۇنجى كەلگەندە ئىنتايىن خۇشخۇي ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكى كۈلكىسىنى يوقىتىپ، دائىم ئېچىنىشلىق يىغلايدىغان بولۇپ قالغانلىقى، ھازىر ئورۇقلاپ قالغانلىقىنى، دەرس ۋە تاپشۇرۇقتىمۇ ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېسەل ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغاندا، پەقەت بېشىنى لىڭشىتىشتىن باشقا ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر مەكتەپتە ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغان 40تىن ئارتۇق بالىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانسى لاگېرغا قامالغان 500 مىڭغا يېقىن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار خىتاي تەسىس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپكە سولانغان. خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى 800دىن ئارتۇق يېزا-بازاردا بىر ياكى ئىككىدىن ياتاقلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 1585 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2020 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق