مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەھبۇسقا ئوخشاش ھايات كەچۈرمەكتە

يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ يۈز مىڭغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىشى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، زىمىستان تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش زىمىستان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن ناھايىتى ياخشى يۈرۈشۈۋاتقان دۇكىنى بارلىقىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، زاۋۇتتا ئىشنىڭ ئېغىر، مائاشنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئاشكارىلىغان.

ئۇيغۇرلار كەلگەن كۈنىلا كىملىكلىرىنى ساقچىلار يىغىۋالغان بولۇپ، رۇخسەتسىز سىرتقا چىقىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى تاقىلىپ، تېلېفونىغا نازارەت قىلىدىغان ئەپ قاچىلاپ قويۇلغان. ئەگەر بۇلارنى بۇزۇۋەتسە ياكى يوقىتىپ قويسا ئېغىر جازالانغان.

بىر باشقۇرغۇچى خىتاي بۇ ھەقتە توختىلىپ، تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلارنى ئۆلگۈدەك ئۇرىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق باشقۇرۇش نەتىجىسىدە ھازىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

زاۋۇت مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بىر يىل تولۇق ئىشلىگەندىن كېيىن ئاندىن تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئاتا-ئانىسى قازا قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆيىگە قايتالمايدىكەن. ئەگەر قايتىپ كەلمىسە، قايتىدىن جازا لاگېرىغا تاشلىنىدىكەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ قىلمىشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ پەردازلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1441 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2020 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق