سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە نۇرغۇن شاھزادە قولغا ئېلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە نۇرغۇن شاھزادە قولغا ئېلىندى
8-مارت قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە 20 شاھزادە قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئىنىسى ئەھمەد بىن ئابدۇلئەزىز (شاھزادە ئەھمەد) قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھ جەمەتىدىن يەنە ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمانغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە شاھزادە ئەھمەدنىڭ ئوغلى شاھزادە نايىف بىن ئەھمەد بىن ئابدۇلئەزىز، سابىق ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن نايىف ۋە ئۇنىڭ ئۆگەي ئىنىسى ناۋافنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە قولغا ئېلىنغان شاھزادىلەرنىڭ پادىشاھ سەلماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل كۈچلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 25858 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2020 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق