خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىندى
8-مارت بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئانىلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قېلىپ ئالاقسى ئۈزۈلگەن، ئەرلىرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان بىر گۇرۇپپا ئانىلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە «پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى»نى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان پەرزەنتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يېزىلغان پىلاكاتلارنى تۇتقان ئۇيغۇر ئانىلار ئۇيغۇرچە، خىتايچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا ئۇلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ سەۋەبسىز باستۇرۇش، ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەبلىك قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغانلىقى، خىتاينىڭ ھەرخىل تەقىب قىلىشلىرى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، تۈركىيەگە چىققاندىن بېرى پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقى، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغانلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقى، خىتاي ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بەرمىگۈچە پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.