«يېتىم بالىلارغا ياردەم »تېمسىدا ناشتىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى 7-مارت ئۈسكۈداردا «يېتىم بالىلارغا ياردەم» تېمىسىدا ناشتىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 200گە يېقىن خانىم-قىزلار ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
پائالىيەتتە نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان فىلىم قويۇلدى.
پائالىيەتتە يەنە، جەمئىيەت رەئىسى مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، نۇزۇگۇمنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق بىر قەھرىمان ئايال ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرردى ھەمدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى پەقەت تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماي ئۆز نۆۋىىتىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى باشتا شەرقىي تۈركستان زىىمىنىنى ئىشغال قىلغانلىقى، ئارقىدىن مەسچىتلەرنى چاققانلىقى، قورئان كەرىم ۋە دىنى كىتاپلارنى كۆيدۈرگەنلىكىنى، ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىممەت قارشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن رەزىل ىسياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە يەنە رەفاھ پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى سەتەنئاي خانىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە شاھىت بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ئەھۋاللاردىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.