شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇراسىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
6-مارت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇراسىنىڭ 3-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ چاپىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىسىتان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلدى.
يىغىن قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارانىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە كۈچەش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە بۇ قېتىمقى ئەنقەرە زىيارىتىدە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئەنقەرە رەھبەرلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ گېرمانىيە ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن، ئامېرىكىدىن كەلگەن يەملىبېكە فاتگۇلىن خانىم، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىلى ئىنژېنېر ئابدۇللاھ ئالىم، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمايىل جەنگىز قاتارلىق مېھمانلار ئوخشىمىغان تېمىلاردا توختالدى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خەلقنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بۇ مەيداندا چىڭ تۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.