ئامېرىكا خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «تەيبېي قانۇن لايىھەسى» خىتايغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي ماقۇللىنىشى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە تەيۋەننى قوللايدىغان دۆلەتلەر بارغانسېرى ئازلىغان. خىتايغا قارشى ھالدا تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ تولۇق قوللىشى ئارقىسىدا %100لىك ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خىتايغا ئېغىر زەربە بولغان.

گەرچە خىتاي ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇن ماددىسىغا ئايلىنىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەيبېيدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دېپلوماتىيە ئەمەلدارى جامېس مورىيارتى سەي يىڭۋېننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى ھەسسىلەپ قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇلاردىن سىرت ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا تەيۋەنگە ئالاقىدار يەنە بىر قانۇن لايىھەسى تەكلىپى سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 13377 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2020 13:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق