ۋۇخەن ۋىرۇسى خەلقئارادا جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى

ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپادىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت ئىتالىيە 4-مارت ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بارلىق مەكتەپلەرنى تاقاشقا بۇيرۇغان.

نۆۋەتتە ئىتالىيەدە يۇقۇملانغانلار 3000دىن، قازا قىلغانلار 100دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، بارلىق مەكتەپلەرنى ئىككى ھەپتىلىك مۇددەت بىلەن تاقاشنى قارار قىلغان. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر تور ئارقىلىق يىراقتىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇلاردىن سىرت فىرانسىيەمۇ 120دىن ئارتۇق مەكتەپنى تاقىغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىلا 138ى كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 400دىن ئېشىپ كەتكەن. ياپونىيە، ئىراق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر مەكتەپلەرنى تاقاش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا گېرمانىيەدىمۇ تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىلا 100دىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن، ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھازىرچە مەكتەپلەرنى تاقاش پىلانى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى يۇقۇملىنىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستىلىغان. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە خەلقئارادىكى تارقىلىش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 12855 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2020 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق