لاگېر شاھىتى خەلقئارالىق جاسارەتلىك ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

 

لاگېر شاھىتى خەلقئارالىق جاسارەتلىك ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي 2020-يىللىق خەلقئارالىق جاسارەتلىك ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

4-مارت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق جاسارەتلىك ئاياللار مۇكاپاتىنى (IWOC) تارقىتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 12 پەۋقۇلئاددە جاسارەتلىك ئايالنى تەقدىرلىگەن. ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى مېلانىيا تىرامپ سۆز قىلىپ، بۇ ئاياللارنىڭ ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

سايراگۈل ساۋۇتباي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدىن بولۇپ، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ۋە دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، مائارىپ مەسئۇلى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 2016-يىلى 7-ئايدا سايراگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قازاقىستانغا كۆچمەكچى بولغان. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى ئۇنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. 2017-يىلى 11-ئايدىن 2018-يىلى 3-ئايغىچە سايراگۈل خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارغا خىتايچە ئۆگىتىشكە مەجبۇرلىغان. 2018-يىلى 3-ئايدا سايراگۈل خىتاينىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، لاگېرغا قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئۇ شۇندىن كېيىن دۇنيادىكى تۇنجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ئاشكارا سۆز قىلىپ، بۇ زىيانكەشلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە يېتىپ كەلگەن تۇنجى ئىسپاتى بولۇپ (بۇ جازا لاگېرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى قوللىنىلغان مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سايراگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان شىۋېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر مۇكاپاتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىنچلىق، ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىشتا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە باشلامچىلىق قىلغان ئاياللار تەقدىرلىنىدىكەن. 2007-يىلى 3-ئايدا بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 77 دۆلەتتىن كەلگەن 146 ئايالنى مۇكاپاتلىغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مۇراسىمدىن كېيىن خەلقئارالىق زىيارەتچىلەر رەھبەرلىك پائالىيىتىگە (IVLP) قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇلار لوس ئانجېلېستا قايتا جەم بولۇپ، 16-مارت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1641 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2020 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق