ئۇيغۇرلارنىڭ قىينچىلىق ئەھۋالى ئەنقەرەگە يەتكۈزۈلدى
4-مارت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىك ھەيئىتى بىلەن د ئو ق ھەيئىتىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشى باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەت ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋدەت يىلماز ئەپەندى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىس ۋەكىلى نۇرمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت زىيارەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقىمىزنىڭ ۋىرۇس تارقىلىۋاتقان بىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قانداق خەتەردە قالغانلىقى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى ھەمدە بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش تەكلىپ، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقىنىڭ تۈركىيەدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرىنى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.