خىتاي يەنە شەندۇڭغا 200 گە يېقىن ئۇيغۇرنى سۈرگۈن قىلدى


خىتاي يەنە شەندۇڭغا 200 گە يېقىن ئۇيغۇرنى سۈرگۈن قىلدى
2- مارت تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىن 165 ياشنى ئاتالمىش « ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتايىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە سۈرگۈن قىلغان.
ئۈچ يىلدىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تېزلىكتە تارقىلىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەت ۋىرۇس سەۋەبلىك خىتايغا بېرىشنى توختاتقان، خىتاي بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىن 165 ياشنى خىتاينىڭ شەندۈڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋزچىلىرىنىڭ بۇ قېتىم چىڭداۋ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلىشى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بەشىنچى تۈركۈملۈك سۈرگۈن قىلىش ئىكەن. 2- ئاينىڭ 24-كۈنى خوتەن شەھىرىدىن 174 ياشنى چاڭشا شەھىرى لەنسى پەن-تېخنىكا شىركىتىگە سۈرگۈن قىلغان ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 6-ئايغىچە 50 مىڭ شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى ئاتالمىش [ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش] نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 1764 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2020 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق