شەرقىي تۈركىستاندا 64 يۇقۇملانغۇچىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى

جۇڭشىن تورىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن 64 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان.
ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار نۆۋەتتە 76گە يەتكەن بولۇپ، (يەرلىكتە 44، دېۋىزىيەدە 24). بۇلار ئىچىدە 64 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان، ئۈچ كىشى ئۆلگەن. دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن يەنە ئىككى كىشىنىڭ كېسىلى قايتا قوزغالغان.
نۆۋەتتە يۇقۇملانغۇچىلار ئۈرۈمچىدە 4، سانجىدا 1، تۇرپاندا 2، 8-دېۋىزىيەدە 1، 9-دېۋىزىيەدە 1 بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پۈتكۈل رايوندا كۆزىتىلىۋاتقانلار 3137گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1703 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2020 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق