بۆرتالا خەلقى خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلاندى

بۆرتالا خەلقى خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلاندى
-2 مارت خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خۇبېي ئۆلكىسىگە قىممىتى 5 مىليون يۈەنلىك كالا گۆشى ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرلانغان.
خەۋەردە، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قوللاش ئۈچۈن ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۆرتالادىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى 5 مىليون يۈەن كالا گۆشى ئىئانە قىلغانلىقى، مەزكۇر گۆشنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغانلىقى، گۆشنى خۇبىيغا تىزرەك يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەرلىك خەلق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولىشىچە، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان بۆرتالادىكى قورچاق ئەمەلدارلار خەلقىنى خۇبىي ئۆلكىسىگە كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇندىن باشقا 10 توننا داۋالاش ئىسپىرتى ۋە قوناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىليون يۈەن قىممىتىدىكى بۇيۇملارنى ياردەم قىلغان. بۆرتالادىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى كارخانا ۋە ئورگانلارنى خۇبېيغا 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نەخ پۇل ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

بۇ خەۋەر 1563 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2020 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق