تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار سۇرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تىنىچلىقنى قوغداش يولىدا شېھىد بولغان ئەسكەرلەر بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىستانبۇلدىكى خالىچ كونگىرە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەڭ مەركەز تەشكىلاتلىرىدىن بولغان تۈركىيە گۆنۈللۈ تەشەككۈللەر ۋەخپى، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە مىللىي ئىرادە مۇنبىرى قاتارلىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىشتراك قىلدى.
مائارىپ جەمئىيىتى يۇقىرىدىكى نوپۇزلۇق ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ھەممىسىگە رەسمىي ئەزادۇر.