ئىستانبۇلدا دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
1-مارت ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى فاتىھ جامەسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر رايوندا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ باشچىلىقىدا ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇلدى. ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، تۈركىيە خەلقى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋابادىن ئامان بولۇشى ھەمدە سۇرىيە مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلىش يولىدا شېھىت بولغان قەھرىمان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ شاھادىتىنىڭ قوبۇل بولۇشى، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم «مەزلۇملارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا جىھاد قىلىش» تېمىسىدا تەسىرلىك نەسىھەتلەرنى قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 1887 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2020 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق