نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا
29-فېۋرال ئانادولۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى باغلار باشى كۈلتۈر مەركىزىدە «شاھادەت كېچىسى» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەتكە پەلەستىن، سۇرىيە، مىسىر، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن كىچىك ئامىنە سەھنىگە چىقىپ، دادىسىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قولىدا قانداق شېھىت بولغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
29-فېۋرال يەنە ھۇدا پارتىيەسى «شېھىت ئاياللار كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەكلىپ قىلىندى. پائالىيەتكە قاتناشقان خانىم-قىزلار شېئىر ئوقۇپ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقىي ۋەزىيىتىنى، ئائىلىسىدىكىلە ئۇچرىغان زۇلۇملارنى سۆزلەپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.
29-فېۋرال يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىشىنى تەكشۈرۈپ قويدى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلارغا چىش ساغلاملىقى ھەققىدە تەلىم بەردى ۋە ئۇلارغا چىش چوتكىسى سوۋغا قىلدى.