زىمىستان تورى: گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى قاراقاش ھۆججەتلىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى


يېقىندا ئاشكارىلانغان قاراقاش ھۆججەتلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ بۇ ھۆججەتلەرنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىگەن.
زىمىستان تورىنىڭ 1-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قاراقاش ھۆججەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بولۇپمۇ تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىم قامىلىش سەۋەبىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنى «ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىل» دەپ سۈپەتلىگەنلىكى نەقىل قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بۇ ھۆججەتلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى، ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بۇ ھۆججەتتىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش چىققانلىقى، خىتاينىڭ بۇلارنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
زىمىستان تورى بۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇر ئايالنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئايال ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە 37 ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنىڭ قاراقاش ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش، چەتئەلگە چىقىش، ناماز ئوقۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى جازا لاگېرىغا قامالغان بولسا، بەزىلىرى تۈرمىگە تاشلانغان، ئەڭ ئېغىرى 25 يىللىق كېسىلگەن.
خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ساقچىنىڭ يۇقىرىدىن بۇيرۇلغان ساننى توشقۇزۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تۇتىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب كەتمەيدىغانلىقىنى زىمىستان تورىغا ئاشكارىلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 1685 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2020 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق