ئىستانبۇلدا باشلانغان يالغۇز كىشىلىك نامايىش


ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يىگىت ئەنۋەر ئەخمەت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئىستانبۇلدىكى يەرلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئەمەلى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يالغۇز كىشىلىك يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى.
پائالىيەت ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىن باشلانغان بولۇپ، ئەنۋەر ئەخمەت قوللىرىغا ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سالغان، ئىككى دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ۋاراقچىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا كوچىلاردا مېڭىپ بۇ ئۇلۇغ رامىزاندا يەرلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشىنى ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ خەۋەر 1528 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2019 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق