تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان مەيدانى

تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ شەرقىي

تۈركىستانغا تۇتقان مەيدانى

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

«قىرىم قازان ئىسراپ بولدى،

تۇنا كاپكاز بەتەر بولدى،

تۈركىستاندا نەلەر بولدى،

ئاڭلىمىدى قۇلاقىمىز.»

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا تۈركىيەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان «خەلق پىرقىسى» (Halk Fırkası) پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىر پارتىيە بار ئىدى. بۇ پارتىيە 1935-يىلىغا كەلگەندە ئىسمىنى ھازىرقى «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» (Cumhuriyet Halk Partisi)گە ئۆزگەرتىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسەتچىلىرىدىن باشلاپ ئاكادېمىك ۋە ئىقتىسادشۇناسلىرىغىچە بولغان يۇقىرى قاتلىمى ئىچىدە تۈركىيەنى غەرب دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى دېگەن پىكىر ئېغىر باسىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە داۋاملىق غەربكە مايىل بولغان دۆلەت سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكتىن، تۈركىيەنىڭ شەرقتىكى، يەنى ئاسىيا قىتئەسىدىكى تەسىرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

1945-يىلى تۈركىيەدە «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى»دىن باشقا «مىللىي تەرەققىيات پارتىيەسى» Millî Kalkınma Partisi -MKP)) ئىسمىدايەنە بىر پارتىيە قۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە كۆپ پارتىيەلىك دۆلەت دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە 87 سىياسىي پارتىيە بار.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1971-يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىلدىن-يىلىغا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاستا- ئاستا يېقىنلىشىپ، تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ.

1990-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسىيا قىتئەسىدىمۇ گۈللىنىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىدۇ. خىتاي بولسا ئاسىيادا ئالاھىدە بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ بەزى سىياسەتچىلىرى خىتاينى «كەلگۈسىنىڭ تەڭداشسىز كۈچى» دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەدرىجىي قويۇقلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان پەقەت ئىقتىساد قاتارلىق ئۆز مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

ھازىر تۈركىيە بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا تەرەققىي قىلدى. تۈركىيەدە بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان 87 سىياسىي پارتىيە بار. ئەپسۇسكى، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك چىقارغان بىرەر قانۇن ياكى بەلگىلەنگەن سىياسىتى يوق.

بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرىقى پارتىيەلەردىن تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغان، ئاق پارتىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي توققۇز پارتىيە بولۇپ، بىز بۇ يازمىمىزدا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ پارتىيەلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىمىز.

 

دېموكرات پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ پارتىيە 1946-يىلى جەلال بايار باشچىلىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيە باشلىقى ئادنان مەندەرىس بولغان. 1960-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن تاقىلىپ، باش مىنىستىر ئادنان مەندەرىس، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. كېيىن ئادنان مەندەرىس قاتارلىق ئۈچ كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. جەلال بايار قاتارلىق 11 كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2009-يىلى ئانا ۋەتەن پارتىيەسى دېگەن يەنە بىر پارتىيە بۇ پارتىيە بىلەن بىرلەشكەن.

دېموكرات پارتىيەسى ۋە ئانا ۋەتەن پارتىيەسى ئوڭچى پارتىيە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قارىتا نورمال پوزىتسىيە تۇتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئانا ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مەسئۇت يىلماز 1998-يىلى قىزىل باشلىق مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرۈپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمى، بايرىقى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق يىغىن ۋە سورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.

گەرچە ھازىر بۇ پارتىيەدە مەسئۇت يىلماز يوق بولسىمۇ، پارلامېنتتا پەقەت بىرلا پارلامېنت ئەزاسى بولغان بۇ ئاجىز پارتىيەنىڭ ھازىرچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا بىرەر رولى يوق.

 

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ پارتىيە مۇھسىن يازىجى ئوغلى دېگەن كىشى تەرىپىدىن 1993-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى كىچىك، ئەمما جانلىق پارتىيە ھېسابلىنىدۇ.

مۇھسىن يازىجى ئوغلى ئەسلىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ بۇ پارتىيەنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ قۇرغان. 2009-يىلى 3-ئايدا سۇيىقەست بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان. مۇھسىن يازىجى ئوغلى تۈركىيەدىكى ھەممە پارتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ دېگۈدەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر كىشى بولۇپ، باشتىن-ئاخىر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەن. ھازىر بۇ پارتىيەنىڭ باشلىقى مۇستافا دەستىچى دېگەن كىشى بولۇپ، ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملىق قوللاپ كەلمەكتە. لېكىن بۇ كىچىك پارتىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

 

سائادەت پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى نەجمىددىن ئەرباقان بولۇپ، ئۇ باشتا 1972-يىلى مىللىي سالامەت پارتىيەسىنى قۇرغان. بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، 1981-يىلى تاقىۋېتىلگەن. 1987-يىلى موللۇق ۋە خاتىرجەملىك مەنىسىدە كېلىدىغان «رەفاھ» (Refah) پارتىيەسىنى قۇرغان. بۇ پارتىيە 1996-يىلى سايلامدا 1-پارتىيە بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. 1998-يىلى تاقىۋېتىلگەن. كېيىن فەزىلەت پارتىيەسى ئىسمىدا يېڭىدىن پارتىيە قۇرغان. فەزىلەت پارتىيەسىمۇ 2001-يىلى تاقىۋېتىلگەن. 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بولسا ھازىرقى سائادەت پارتىيەسىنى قۇرغان. رەجەپ تاييىب ئەردوغان قاتارلىق ئاق پارتىيەنىڭ قۇرغۇچى ۋە كۆپ ساندىكى ئەزالىرى مانا مۇشۇ پارتىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئاق پارتىيەنى قۇرغان. رەجەپ تاييىب ئەردوغان، ئابدۇللاھ گۈل قاتارلىقلارنى مانا مۇشۇ نەجمىددىن ئەرباقان دېگەن كىشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن.

نەجمىددىن ئەرباقان باش مىنىستىر ۋاقتىدا «D–8» دەپ بىر خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتى قۇرغان. ئۇ كېيىن سۆز قىلىپ: «ئەگەر D–8 ئىتتىپاقى نىشانىغا يېتەلىگەن بولسا ئىدى، بۈگۈن يەر يۈزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دەريا-دەريا قانلىرى ئاقمىغان بولاتتى، ئىنسانىيەت دۇنياسى خاتىرجەملىككە ئېرىشەتتى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشەتتى» دېگەن.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن، بۇ پارتىيە تۈركىيەدە ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوزغاپ، ئىستانبۇلنىڭ مەجىدىيەكۆيدىكى چاغلايان مەيدانىدا بىر مىليون كىشىلىك ئالاھىدە كۈچ كۆرسىتىش يىغىلىشى تەشكىللىگەن (ئەمما بۇ يىغىلىش 30 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان). بۇنداق ئالاھىدە يىغىلىش تۈركىيە تارىخىدا ھازىرغىچە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىدى.

بۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتى، غايىسى ۋە نىشانى ئاساسلىق ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پەقەت قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

تۈركىيە ئىشچى پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ پارتىيە سولچى پارتىيە بولۇپ، 1961-يىلى قۇرۇلغان. 1971-يىلى ۋە 1980-يىلى تاقىۋېتىلگەن. 1988-يىلى تۈركىيە كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن بىرلەشكەن. بۇ پارتىيەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى قولى دېيىشكە بولىدۇ.

 

ياخشى پارتىيە (İyi Parti) (بۇ پارتىيەنىڭ 40 پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ پارتىيەنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مەرال ئاقشەنەر خانىم 2017-يىلى قۇرۇپ چىققان. پارتىيە قۇرغۇچىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ھەم ئاتاتۈركچى، ھەم تۈرك مىللەتچىسى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ پارتىيە ھەم يېڭى، ھەم كىچىك پارتىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن.

 

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ 50 پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ پارتىيە 1969-يىلى تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ سەردارى باش بۇغ ئالپ ئارسلان تۈركەش تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ تۈرك بىرلىكى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى تۈركلەرنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان بىردىنبىر پارتىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئالپ ئارسلان تۈركەش: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يالغۇز تۈركلەرنىڭلا ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئورتاق مەسىلىسى» دېگەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن پارتىيەنىڭ باشلىقى بولغان دەۋلەت باھچەلى 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ 57-ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن: «شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر دۆلەت يوق، ئۇ خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دەپ يېزىلغان بىر كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغان.

ئۇ 2002-يىلى خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ رۇڭجى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇ روڭجى قىپقىزىل يالغانچىلىق بىلەن: «2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلار شەرقىي تۈركىستانغا سىڭىپ كىردى. سىز ئۇ رايونغا بېرىپ تەسىراتىڭىزنى بىزگە سۆزلەپ بېرىڭ» دېگەن. دەۋلەت باھچەلى: «بىز تېررورچىلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقانداق تېررورچىلارغا قارشى تۇرىمىز. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى ھەرقانداق ھەرىكەتكە ياردەم قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق خىتايدەك بىر مۇستەملىكىچىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق قوللىغان.

1999-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە دېموكراتىك سول پارتىيە (DSP)، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ئانا ۋەتەن پارتىيەسى قاتارلىق ئۈچ پارتىيە ئىتتىپاقلىشىپ، تۈركىيەنىڭ 57-ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. دەۋلەت باھچەلى تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىر ياردەمچىسى بولغان. بۇ جەرياندا، يەنى ئۇ ھوقۇق تۇتقان ئۈچ يېرىم يىل جەريانىدا بىرمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتىنى قوبۇل قىلمىغان.

دەۋلەت باھچەلى يەنە 2008-يىلى قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس تېغىدا ھەر يىلى 8-ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيى»نىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋلەت باھچەلى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ پارتىيەنىڭ ھازىرچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا رولى بولمايدۇ. ھازىر ئۇنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويۇشى پەقەت سايلاملاردا تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ قوللىشغا ئېرىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر بۇ پارتىيە دەۋلەت باھچەلى دەۋرىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ قالسا، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خەتەرلىك پارتىيە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ پارتىيەنىڭ ئەزالىرى تۈرك مىللەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولغاچقا، دەۋلەت باھچەلىدىن كېيىن شەرقى تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق پارتىيە بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بۇ پارتىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار. بۇ پارتىيەنىڭ يىلتىزى كۆك تۈرك دۆلىتىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خېلىلا كۆپ ساندىكى تۈرك مىللەتچىلىرى «ئۇيغۇرلار كۆك تۈرك دۆلىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان» دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى تېگىدىن ياخشى كۆرمەيدۇ. بەزىدە زۆرۈرىيەت يۈزىدىن ئېغىزىدا ھە دەپ قويسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە تۈرك مىللەتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى، ئەستايىدىل بولۇشى ۋە كۈتمىگەندە سورىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان بەزى تارىخىي سوئاللارغا تەييارلىقى بولۇشى لازىم.

 

خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) (بۇ پارتىيەنىڭ 65 پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ تۈركىيەدىكى كۇرد مىللىتىنىڭ پارتىيەسى بولۇپ، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ پارتىيە ھازىر تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ پارتىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ 144 پارلامېنت ئەزاسى بار)

بۇ مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان پارتىيە بولۇپ، سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى جەھەتتىن سولچى پارتىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بۇ پارتىيەنىڭ ئىچىدە تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىكىرىنى قوللايدىغان ۋە تۈرك دۇنياسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر قىسىم سىياسەتچىلەر بارلىققا كەلدى.

1996-يىلى تۈركىيەنىڭ بۇ پارتىيەدىن بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېنىز بايقال (كېيىن بۇ پارتىيەنىڭ باشلىقى بولغان) تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇلۇپ ياتقىلى ئىككى يىل بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى «ئۇلار بىزنىڭ خەلقىمىز» دەپ ئىمزا قويۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن.

 

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (بۇ پارتىيەنىڭ 290 پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، بۇلاردىن 16سى دۆلەت مىنىستىرى)

بۇ پارتىيە 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 2002-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا ھوقۇق تۇتۇپ كەلمەكتە. پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان 1995-يىلى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋاقتىدا سۇلتان ئەھمەدتىكى «ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سەھنىگە چىقىپ، قوينىغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭمۇ دەۋايىمىز، قىزىل بايراقتىن كۆك بايراققا سالام بولسۇن!» دېگەن.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ۋەقەنىڭ 8-كۈنى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ: «خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرىكىتى بىر قانلىق قىرغىنچىلىق» دېگەن. شۇ يىلى تۈركىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلغان.

1997-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ئافغانىستان، پاكىستان، تايلاند، مالايشىيا، مىسىر، يەمەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان...قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ياشاشقا ئامالسىز قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ - گەرچە كۆپ ساندىكىلەرنىڭ پاسپورتلىرى بولمىسىمۇ - ھەرخىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

لېكىن 2003-يىلىدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا رەجەپ تاييىب ئەردوغان باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايغا: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەقەت خىتاي دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىمىز، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئىككىلىنىشى يوق، تۈركىيە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن. بۇنىڭدىن باشقا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئاق پارتىيەنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى پەقەت «سىياسەت» دەپ چۈشەنگەندىمۇ، مەيلى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بولسۇن، ياكى ئاق پارتىيە بولسۇن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركىيەدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاقلىيالمىغان. چۈنكى ئاق پارتىيە 2002-يىلىدىن باشلاپ، 18 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ھاكىمىيەت بېشىدا بولسىمۇ، ھازىرغىچە دۆلەت قانۇنىغا شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق بىرەر قانۇن ماددىسى كىرگۈزمىدى.

ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ھەربىي كۈچى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئىچكى-تاشقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئاق پارتىيە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا يەنىلا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئەمەلىي ياردەم قىلغان ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

يىغلىما يۇرتۇم، ھەرقانچە باھارغا تەشنا بولساڭمۇ،

يېقىن كەلگۈسىدە بەخت يۇلتۇزى چاقنايدۇ بۇنى بىل.

 

قوشۇمچە:

تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەيرەت قىلىشى بىلەن 2015-يىللىرىدىن باشلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ۋە بىر قىسىم سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارمۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدەك ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ جەريان ۋە قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىقتى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ، تۈركىيەدىكى مىللەتلەرنىڭ، سىياسىي پارتىيە ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسى، سىياسىي چۈشەنچىسى، غايىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشى، شۇنداقلا چۈشەنچىسى ھەر خىل بولغىنىدەك، تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسى، سىياسىي چۈشەنچىسى ۋە ئاڭ-سەۋىيەسىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات ۋە شەخسلەر سىياسىي پائالىيەتلىرىدە، ھۆكۈمەت، ھەرقايسى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە يىراقنى كۆرۈشى، ئالاھىدە سەزگۈر ھەم سەگەك بولۇشى كېرەك! قىلغان گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەقىللىق بولۇشى، ئاسان ھاياجانلانماسلىقى ۋە بىردەملىك ياكى ۋاقىتلىق ھېسسىياتىغا بېرىلمەسلىكى لازىم.

چەتئەلدىكى سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرمۇ تۈركىيەگە، تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە، تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە باھا بەرگەندە بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشتىن ساقلىنىشى، ئالدىراپ ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىكى، ئالدى بىلەن تۈركىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇشقا سەل قارىماسلىقى لازىم.

 

 

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 22765 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2020 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق